مال ھارۋىسى 0

ياشانغانلار نېمە ئۈچۈن ئەر خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى خالىمايدۇ؟

ئىگىلىنىشىچە، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇشنى ساقلاپ قېلىش ئادەتتە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، شۇنداقلا يەنە ئۆزئارا ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەت ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بولمىسا ئەر-خوتۇنلار ھېسسىياتىنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەر-خوتۇنلۇقلارنىڭ ئىچكى ئاجراتما سەۋىيەسىدىمۇ ئاسانلا داۋالغۇش كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەن ساغلاملىقىنى ساقلاش كېرەك. ئۇنداقتا، ياشانغانلار نېمە ئۈچۈن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى رەت قىلىدۇ؟

1. ياشانغاندىن كېيىنكى جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەش

تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ياشانغانلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈش قېتىم سانى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، نۇرغۇن ئەرلەر ياشىنىش دەۋرىگە كەلگەندە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدۇ، بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولغاندا سەۋەبىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە ياشانغانلار ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمىسا، بەدەن ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.

ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 50 ياشقا كىرگەندىن كېيىنكى جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەش ئىپادىسى بىر قەدەر روشەن بولىدۇ، بەدەن، ھورمون سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، بەدەندىكى ئەرلىك ھورمون مىقدارى ئازىيىپ، ئەرلەردە جىنسىي ئىقتىدار ئاسانلا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي بالدۇر كېتىش كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى خالىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئازابىغا ئۇچراش

نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى رەت قىلىشى ئاساسلىقى بەزى سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ سالامەتلىككە تەھدىت سېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىش جەريانىدا بەدەن يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بۇ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە قارىتا داۋالاش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بەدەندىمۇ نۇرغۇن بىئاراملىق پەيدا بولۇپ، ياشانغانلار ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى ئويلاشقىمۇ چولىسى تەگمەي، پەقەت مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم ئېغىر بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردىمۇ ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ياشانغانلاردا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى كۆرۈلسە، كېسەللىك ئەھۋالىنى بالدۇرراق كونترول قىلىش كېرەك.

يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى چۈشىنىش ئارقىلىق، نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى خالىماسلىقىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بەدەننىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتۇق.

بۇ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بەدەنگە كاشىلا قىلىش جەريانىدا بەدەن يۈكى ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولمايدۇ. شۇڭا، ياشىنىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەننى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئورگانىزمنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش، ئىچكى ئاجراتما سەۋىيەسىنى نورمال ھالەتتە ساقلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا جىنسىي ئىقتىدارنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە توغرا ئۇسۇل بىلەن بۇ سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بەدەن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشمۇ نورمال بولىدۇ.


ئالدىنقى بەت:مەكتەپلەرنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىيەت تەربىيىسى تۇنجى قېتىم لايىھەگە كىرگۈزۈلدى كىينكى بەت:نېمە ئۈچۈن« بۆرىكى ئاجىز» ئەرلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ؟