مال ھارۋىسى 0

مەكتەپلەرنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىيەت تەربىيىسى تۇنجى قېتىم لايىھەگە كىرگۈزۈلدى

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى(تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-يىغىنىنىڭ بىر قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، لايىھىنىڭ بىرىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا تۇنجى قېتىم مەكتەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا جنسىيەت تەربىيىسى قانات يايدۇرۇش خىزمىتى كىرگۈزۈلدى.

ئالىي سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇ يىل 6-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى دېلوسىدىن 8332 نى سوت قىلىپ تاماملىغان. 2017-يىلى 2962 دېلوغا سوت ئېچىلغان، 2018-يىلى 3567 دېلوغا سوت ئېچىلغان، 2019-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە 1803 دېلوغا سوت ئېچىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تېگىش، بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش قاتارلىق جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايەتلىرى يەنىلا كۆپ يۈز بېرىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

جۇڭگو سىياسىي-قانۇن داشۆسىنىڭ دوتسېنتى يۈەن نىڭنىڭ(苑宁宁)نىڭ تاراتقۇلارغا بىلدۈرىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان جىنسىي بىلىم تەربىيىسى نىسبەتەن كەمچىل بولۇپلا قالماي، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى ئۆزىنى قوغداش ئېڭىمۇ بىر قەدەر ئاجىز ئىكەن.

جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى خوڭ پىڭ تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىدۇقكى، %80 ئاتا-ئانا بالىلىرىغا <جىنسىيەت> نى قانداق سۆزلەشنى ئېنىق بىلمەيدىكەن. بۇ خىل گاڭگىراپ قالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېشى كۆپىنچە 10 ياشتىن 18 ياشقىچە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپنىڭ كەسپىي خاراكتېرلىك تەربىيە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرلارنىڭ دىققەت قىلىشىچە، لايىھەنىڭ بىرىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا مەكتەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىيەت تەربىيىسى تۇنجى قېتىم لايىھەگە كىرگۈزۈلگەن. لايىھەنىڭ 34-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: مەكتەپ ۋە يەسلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.


ئالدىنقى بەت:ئەر ئاياللىق ماسىۋىتى ئازلاپ كەتسە بۇ تۆت خىل مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ كىينكى بەت:ياشانغانلار نېمە ئۈچۈن ئەر خوتۇنلۇق تۇرمۇشنى خالىمايدۇ؟