مال ھارۋىسى 0

ئەر ئاياللىق ماسىۋىتى ئازلاپ كەتسە بۇ تۆت خىل مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ

ئىگىلىنىشىچە، ئەر-ئاياللار قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق ھالدا فىزىئولوگىيىلىك تۇرمۇشنى ساقلىغاندىلا، ئىككى جىنس ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەر-ئاياللار ئۇزاق مۇددەتكىچە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسە ئەكسىچە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ مۇۋاپىق قانۇنىيىتىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق بەدەننى تەڭشەش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدىكى قانۇنىيەتنى ساقلاپ، ساغلاملىق كاپالەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن بەزى ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئەر-ئاياللار ئۇزاق مۇددەتكىچە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسە قانداق ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

1. جىنسىي ھەۋەس چېكىنىپ كېتىدۇ

ئەر-ئاياللار ئۇزۇن مۇددەت مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسە جىنسىي ھەۋەسنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەر-ئاياللاردا ئۇزاققىچە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشى بولمىغاندىن كېيىن، ئەر ۋە ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن بولمىسىمۇ بولىدىغان ھالغا يېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇمۇ ئەر-ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز.

شۇڭا ، ئادەتتە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ مۇۋاپىق قانۇنىيىتىنى ساقلاپ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنى قەرەللىك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا جىنسىي ھەۋەسنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

2. ئىچكى ئاجراتمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئۇزاق مۇددەتكىچە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشى ئۆتكۈزمەسلىك سالامەتلىككە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى بولىدۇ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنىڭ تەسىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى ئاسانلا قالايمىقانلىشىدۇ، بەدەن مۇۋاپىق تەڭشەلمىگەن ئەھۋالدا ساغلاملىقنى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

ئەگەر ئەرلەر ئۇزاق ۋاقىت ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشى ئۆتكۈزمىسە، كەيپىيات جەھەتتە داۋالغۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئاياللار ئۇزاققىچە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشى ئۆتكۈزمىسە، ئانىلىق ھورمونىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، يەنە بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇزاققىچە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ھورمون سەۋىيەسىنىڭ داۋالغۇشى ۋە ئۆزگىرىشىدۇر. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانماقچى بولسا، ئادەتتە قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق ھالدا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

3. ئەر-ئاياللىق ھېسسىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ

ئەر-ئاياللار ئۇزاققىچە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشى ئۆتكۈزمىسە ئەر ۋە ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتقا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش ۋە كۆيۈنۈشىگە تۈرتكە بولۇشى ئۈچۈن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى قامداشقا توغرا كېلىدۇ.

ھەر بىر ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى بولىدۇ، ئەگەر ئۇزاققىچە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ تەڭشىلىشىگە ئېرىشەلمىسە، ھېسسىيات سۇسلىشىپ كېتىشى، ھەتتا توي مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانماقچى بولسا، ئادەتتە قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق بولغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك.

4. كەيپىيات جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدۇ

ئۇزاققىچە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۈزمىسىمۇ بەزى ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا ھەرخىل كېسەللىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇزاققىچە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەھۋالدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تىزگىنلىنىپ قالىدۇ، جىنسىي ھەۋىسى تىزگىنلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا كەيپىيات جەھەتتە داۋالغۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا پىسخىكا ساغلاملىق مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەن ساغلاملىقىغا شەكىلسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسا، قانۇنىيەتلىك، مۇۋاپىق بولغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، بەدەننى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كەيپىياتنى نورماللاشتۇرغاندا، جىنسىي ھەۋەسنىڭ تىزگىنلىنىشىدىن بولىدىغان ناچار كەيپىيات خاراكتېرلىك ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى بەت:ئۇيقىڭىز يېتەرلىك بولمىسا مۇھەببەتكە تەسىر يېتىدۇ كىينكى بەت:مەكتەپلەرنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىيەت تەربىيىسى تۇنجى قېتىم لايىھەگە كىرگۈزۈلدى