مال ھارۋىسى 0

ئۇيقىڭىز يېتەرلىك بولمىسا مۇھەببەتكە تەسىر يېتىدۇ

ھازىرقى تېز رېتىملىق، يۇقىرى بېسىملىق مەدەنىيەتتە، يېتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل ھادىسىگە ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇسى قانمىغان ھالەتتە تۇرغاچقا، قەھۋە، قەنت، ئېنېرگىيەلىك ئىچىملىك ياكى چايغا تايىنىپ روھىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيقۇنىڭ ئەستە تۇتۇش، ئىشلىتىش ماھارىتى (مەسىلەن، ماشىنىنى بىخەتەر ھەيدەش) ۋە پىسخىكا ساغلاملىق جەھەتتىكى مۇھىملىقىنى بىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىر كېچە ئۇخلىماي ئىككىنچى كۈنى قانچىلىك تۈگىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىدۇكى، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق (مەسىلەن، ھەر كۈنى بەش-ئالتە سائەت ئۇخلاش) كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە مۇھەببەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىزچىل ياخشى ئۇخلاش مۇھەببەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىممۇ؟

كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇيقۇنىڭ تەسىرى كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھنى جەلپ قىلىشتىن بەخت مۇناسىۋىتىنى ئىزدەش ۋە ساقلاشقىچە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۆۋەندىكىسى يېقىنقى بىر قىسىم تەتقىقاتلاردىن بايقالغان مەلۇماتلار:

1. ئارام ئېلىشى ياخشى كىشىلەر تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ.

ناچار ئۇخلاش ئادىتى جەلپ قىلىش كۈچىڭىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن (Axelsson et al،2010).

شىۋېتسىيەلىك بىر پىسخولوگ مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: تەجرىبە قىلىنغۇچىنى ئىككى گۇرۇپپا سۈرەتكە تارتقان، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر قېنىپ ئۇخلىيالمىغانلار، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر سەككىز سائەت ئۇخلىغانلار بولۇپ، ئاندىن ناتونۇش كىشىلەرگە بۇ سۈرەتلەرنى باھالىتىدۇ.

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە: ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ياخشى ئارام ئالغان سۈرىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان ئادەمنىڭ سۈرىتى ئانچە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، قارىماققا بەك چارچاپ كەتكەندەك، ساغلام كۆرۈنمەيدۇ.

2. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق سىزنىڭ ئىشقىۋازلىق قىلىش ئىقتىدارىڭىزغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئىشقىۋازلىق كۆپ ھاللاردا زېرەكلىككە، ياخشى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا، دەل جايىغا چۈشكەن يۇمۇرىستىكلىكقا، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلىنىشقا تايىنىدۇ.

ئەگەر ئۇيقۇڭىز تەسىرگە ئۇچرىسا، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، سىزنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇدىن ھوزۇرلىنىش ئىقتىدارىڭىزمۇ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ھەر قانچە كۆپ قەھۋە ئىچسىڭىزمۇ پايدىسى يوق (Kilgore قاتارلىقلار، 2006). بۇ ياخشى ئۇيقۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

3. ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا توقۇنۇش كۈچىيىدۇ.

«سەن. ياق، مەن. ياق، بۇ مېنىڭ ئۇيقۇم.» ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئەر-خوتۇنلار توقۇنۇشىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلى بولۇشى مۇمكىن ( Gordon&Chen، 2014 ).

كۈندىلىك خاتىرە ۋە تەجرىبىخانىدا كۆزىتىپ توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى دوكلات قىلىشتىكى بىر قەدەر ناچار ئۇيقۇ ئەھۋالى تېخىمۇ كۆپ ئەر-خوتۇن توقۇنۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەمراھىنىڭ كەيپىياتىغا بولغان چۈشەنچىسى ئازىيىدۇ ھەمدە توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا بىر قەدەر ناچار ئۇسۇلنى تاللايدۇ.

4. ئۇيقۇ مەسىلىسى تالاغا قاراشنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا، ھاياجىنىڭىزنى كونترول قىلىشىڭىزنىڭ ئىنتايىن تەسكە توختىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ بۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى بىر چوڭ مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.

بىر تۈرلۈك (كۆپ ساندىكىلىرى ئاق تەنلىكلەر) توي قىلغان ئەر-ئاياللارغا قارىتىلغان مەخسۇس تەتقىقاتتا، ئۇيقۇ توسالغۇسى، ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقى (Gordon&Chen، 2019 ) دەلىللەنگەن.

ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (بۇ دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ)، بۇ ئەر ياكى ئايالنىڭ تالاغا قاراپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

5. ساغلام ئۇيقۇ ساغلام جىنسىي تۇرمۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇيقۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىلەن ئىككىنچى كۈنىدىكى جىنسىي ھەۋەس ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولىدۇ: ئەگەر ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، بولۇپمۇ ئاياللاردا جىنسىي ھەۋىسىنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى ئانچە مۇمكىن بولمايدىكەن (Kalmbach قاتارلىقلار، 2015). تېخىمۇ كۆپ ئۇيقۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى: تېخىمۇ كۆپ جىنسىي ھەۋەس، ھەمراھى بىلەن تېخىمۇ كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقى. بۇ تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ دوكلاتىدىكى جىنسىي تەسىرات ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن، بۇ ئۇيقۇنىڭ ئاياللارنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇيقۇ ۋە مۇناسىۋەت تەتقىقاتى تېخى باشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن يۈزلىنىشى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيقۇ جەلپ قىلىشتىن ئايرىلىپ كېتىشكىچە بولغان ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، گەرچە ئۇيقۇدىن ئىبارەت بۇ ئامىل ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر مەزگىللىك خاتىرجەمسىزلىك مۇناسىۋىتى ئادەمنى خاتىرجەم ئۇخلاتمايدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ سالامەتلىككە ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاشقاندا، ئۇيقۇ ۋە مۇناسىۋەت كۆپچىلىكنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

يەنە دېسەك يەنە شۇ: بالدۇرراق ئۇخلاڭ، تۈنىمەڭ.


ئالدىنقى بەت:3\1 قىسىم ئاياللار مۇناسىۋەتتىن كېيىن يىغلايدۇ كىينكى بەت:ئەر ئاياللىق ماسىۋىتى ئازلاپ كەتسە بۇ تۆت خىل مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ