مال ھارۋىسى 0

3\1 قىسىم ئاياللار مۇناسىۋەتتىن كېيىن يىغلايدۇ

ئادەتتە، تەسۋىرلىگۈسىز ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ مېڭىدىن قويۇپ بېرىلگەن زور مىقداردىكى «شادلىق ھورمونى» يەنى دوپامىن (بىر خىل خۇشاللىق يەتكۈزىدىغان نېرۋا ماددىسى) چوڭ مېڭىدىكى مۇكاپاتلاش سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، بەدەن ۋە كەيپىياتنى خۇشال قىلىپ، قانائەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.

بىراق، بۇ شادلىق ھورمۇنىنىڭ تەسىر كۈچىنى بەزىدە باشقا تېخىمۇ چوڭ ئامىللار يوشۇرۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ھالدا خۇشال بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بىر خىل كەيپىيات ئۇرغۇپ چىقىپ، قايغۇ ۋە يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلىشىپ، ھەتتا ئىختىيارسىز يىغلاپ كېتىدۇ.

ئاۋسترالىيە Queensland داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىم ئاياللار تەسۋىرلىگۈسىز ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئازابلىنىپ يىغلىغۇسى كېلىدۇ؛ بۇنداق تەسىرمۇ ئوخشاشلا ئەرلەردە يۈز بېرىدۇ، پەقەت ئەرلەر جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى يوشۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقتىن، كىشىلەر بۇ خىل تەسۋىرلىگۈسىز ئازابلىنىشنى پەقەت ئاياللاردىلا يۈز بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدىن كېيىنكى غەمكىنلىك (post-coital dysphoria) دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە مۇناسىۋەتتىن كېيىن بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندە يۈز بېرىدۇ.

زادى نېمە بۇنداق كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ نۆۋەتتە ئىلىم ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتنى ئاددىي ھالدا مۇنداق ئۈچ ئامىلغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. چوڭ مېڭە ئىچكى ھورمونىنىڭ ئۆزگىرىشى

داۋالاش ئۇستىسى Ian Kerner نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تەسۋىرلىگۈسىز ئىش جەريانىدا خۇشاللىق ھورمۇنى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ، ئاخىرلاشقان ھامان خۇشاللىق ھورمۇنى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەيدۇ، بۇ خىل ئېگىز-پەس بولغان تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىش بەدەن ۋە چوڭ مېڭىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىككىيلەننى بايامقىدەك زىچ بىرىكىپ كەتمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەيۈسلۈك كېلىپ چىقىدۇ.

2. ئىلگىرىكى ناچار ئۆتمۈشلەر

ئادەمنىڭ ئەسلىمىسى ئوخشاش ئىشلار تەرىپىدىن قايتا قوزغىلىدۇ، بولۇپمۇ ئاشۇ «ناچار ئەسلىمىلەر»؛

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئىلگىرى مۇناسىۋەتتە خورلىنىش ياكى خالىمىغان مۇناسىۋەت ھەرىكىتى بولسا، تەسۋىرلىگۈسىز ئازابلىنىش كەيپىياتى بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى مۇناسىۋەت شۇنچىلىك گۈزەل ۋە كۆڭۈللۈك بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنىلا ئۆتمۈشتىكى ناچار ئەسلىمىلەر تەرىپىدىن چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.

3. ئاجىزلىقنى نامايەن قىلىشتىن كېيىنكى ئىپادە

پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى Irene Fehr ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدىن كېيىنكى غەمكىنلىكنى چۈشەندۈرگەندە، مۇناسىۋەت جەريانى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاجىز، ئەڭ مەخپىي قىسمىنى نامايان قىلىشتۇر، بۇنداق قىلمىش كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاسانلا قايغۇلۇق كەيپىياتنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىغان.

خۇددى نوچىلىق قىلغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىش، لېكىن ئىشتىن كېيىن قورقۇپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ.

ئەگەر بۇ ئەھۋال سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا ئېغىر قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلسە، ئۇنداقتا پىسخىكا جەھەتتىن كەسپىي مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك.


ئالدىنقى بەت:يۈرەكتە مەسىلە بار كىشىلەر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك كىينكى بەت:ئۇيقىڭىز يېتەرلىك بولمىسا مۇھەببەتكە تەسىر يېتىدۇ