مال ھارۋىسى 0

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەر ئاياللىق تۇرمۇشنى قانداق تەڭشەش كېرەك

مەن توي قىلغىلى ئىككى ئاي بولدى، ئايالىمنىڭ بويىدا بار، 35 كۈنلۈك بولدى. مۇشۇ ۋاقىتتا بىرگە بولساق بولامدۇ؟


ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەر-ئايال تۇرمۇشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىز كىرەك؟

بەلكىم بۇ نۇرغۇن ئەر-ئاياللار دۇچ كەلگەن مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى جىنسىي تۇرمۇش توغرىسىدا دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپرەك كىشلەرنىڭ چۈشەنچىگە ۋە بۇ ھەقتىكى بىلىمگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە دوختۇرىمىز تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى:

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، يەنى دەسلەپكى ئۈچ ئاي مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش لازىم: بۇ مەزگىلدە، بالا ھەمرىيىنىڭ يېتىلىشى يېتەرلىك بولمىغان، ھەم بالىياتقۇ دىۋارىغا چاپلىشىشى مۇكەممەل بولمىغاچقا، جىنسىي مۇناسىۋەتتە سىلكىنىشتىن ئاسانلا ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەزگىلدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتە، داس بوشلۇقىدىكى توقۇلمىلارغا قان تولۇش سەۋەبىدىن بالىياتقۇنىڭ قىسىلىشى كېلىپ چىقىپ ھامىلە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.

ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، يەنى تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەتنى كونترول قىلىش كېرەك: بۇ مەزگىلدە تۆرەلمە شەكىللىنىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ، ھامىلىدارلىق بىر قەدەر تۇراقلىق باسقۇچقا كىرىدۇ، بالىياتقۇ ئورنىمۇ بىر قەدەر يۇقىرىلاپ قورساق بوشلۇقىغا يېقىنلىشىدۇ، ئاياللىق ھورمۇن تۈرتكىسىدە، بۇ مەزگىلدىكى كۆپ قىسىم ئاياللاردا جىنسىي ھەۋەس بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ، يەنى ھەپتىدە بىر قېتىم بولغىنى مۇۋاپىق، ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، ھەرىكەت قوپال بولماسلىقى، ئەر- ئايال ئىككىلا تەرەپ جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ئەر-ئايال پاكىز كىچىك تەرەت قىلىشى، مۇناسىۋەتتىن كېيىن ئايال دەرھال كىچىك تەرەت قىلىشى، جىنسىي ئەزانى تازىلىۋېتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئايال تەرەپنىڭ قورساق قىسمىنىڭ بېسىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق مۇناسىۋەت شەكلىنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئىككى ئېيىدا جىنسىي تۇرمۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بالىياتقۇ بوينى ئاسانلا ئېچىلىدۇ، شۇڭا مۇناسىۋەت جەريانىدا بالىياتقۇ يۇقۇملىنىش ياكى بالا ھەمرىيى پەردىسى بالدۇر يېرىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. بۇلار ئاي كۈنى توشماي تۇغۇپ قويۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتە، ئەر تەرەپنىڭ گاندون ئىشلىتىشى ياكى جىنسىي يول سىرتىدا مەنىي چىقىرىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى مەنىي سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى پىروستاگلاندىن ماددىسى (前列腺素) نى ئاياللارنىڭ جىنسىي يول شىللىق پەردىسى سۈمۈرگەندىن كىيىن بالىياتقۇنىڭ كۈچلۈك قورۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئايال تەرەپتە قاتتىق قورساق ئاغرىقىنى پەيدا قىلغاندىن باشقا يەنە، ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ياكى بالدۇر تۇغۇپ قويۇشقا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى جىنسىي تۇرمۇش بىر قەدەر نازۇك مەسىلە، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا يول قويۇش ۋە بۇ مەسىلىگە توغرا كۆز قاراشتا بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. جىنسىي ئەزالار ئۇچراشمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆز ئارا قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش، سىيلىشىش قاتارلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىقمۇ، جىنسىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا بولىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپتە شەكىللەنگەن خۇش كەيپىيات ھامىلىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان قورساق مۇجۇپ ئاغرىش، جىنسىي يولدىن قان كېلىش، ئاخىرقى مەزگىلدىكى مۇددەتتىن بۇرۇن كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا نوپۇزلۇق دوختۇرخانىغا بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

مەسلىھەتىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارغا تىلەكداشمىز، ھەممەيلەنگە ساغلام بەدەن، بەخىتلىك ئائىلە تۇرمۇشى ھەمراھ بولسۇن!


شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ماتېرىيالغا تەييارلىغان.


ئالدىنقى بەت:پاكىز بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش بالىياتقۇ بوينى راكىنى پەيدا قىلىدۇ كىينكى بەت:يۈرەكتە مەسىلە بار كىشىلەر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك