مال ھارۋىسى 0

پاكىز بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش بالىياتقۇ بوينى راكىنى پەيدا قىلىدۇ

بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللار بۆلۈمىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بالىياتقۇ بوينى راكنىڭ پەيدا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى ئۆز بەدەنلىك ئانىلىق ھورمۇننىڭ زىيادە ئاجرىتىلىشى ياكى ماددا ئالمىشىش غەيرىيلىكى ۋە سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەنلىكىدىن سىرت، ئاساسلىقى مەينەت جىنسىي تۇرمۇش بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

دۆلىتىمىزدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئالدى كەينىدە ئىككىلا تەرەپ سىرتقى جىنسىي ئەزالىرىنى يۇيمىغانلاردا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى 8.6 پىرسەنت ئەتراپىدا بولغان، لېكىن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئالدى كەينىدە سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنى يۇيغانلاردا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى پەقەت 2.2 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. بۇ سان تولۇق ئىسپات بولالايدۇكى، جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندە جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلىش بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر چوڭ تەدبىردۇر.

خەتنىلىك كىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت غىدىقلىشىمۇ بالىياتقۇ بوينى راكىنى پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر زەكەر خەتنىلىكىدە كىر بولسا، خەتنىلىك كىرىدىكى خولېستېرىن باكتېرىيەلاەرنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا ئۆزگىرىپ، ئەرلەردە زەكەر راكنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينىنى غىدىقلاپ، بالىياتقۇ بوينى راكىنى پەيدا قىلىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا ئازراق توق قىزىل ياكى جىگەر رەڭ قان ئارىلاشاڭغۇ بولسا، ئىككى قېتىملىق ھەيز ئارىلىقىدا جىنسىي يولدىن ئازراق مىقداردا قان كەلسە ياكى ھەيز كېسىلگەندىن كېيىنمۇ جىنسىي يولدىن قان كەلسە،ئاق خۇن كۆپىيىپ تەدرىجىي يىرىڭلىق ئاجرالمىلارغا ئۆزگەرسە ھەمدە سېسىق پۇرىسا، ھەتتا يىرىڭلىق، گۈرۈچ سۈيىدەك ياكى قان ئارىلاش ئاق خۇن كەلسە، ئۇلار بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماستىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك.

قىسقىسى، پاكىز بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش ئاياللارغا ئىنتايىن چوڭ يەنى بالىياتقۇ بوينى راكىدىن ئىبارەت خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك.


ساغلاملىق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى


ئالدىنقى بەت:ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەندىن كېيىن جىنسىي تەلەپ سۇسلىشامدۇ؟ كىينكى بەت:ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەر ئاياللىق تۇرمۇشنى قانداق تەڭشەش كېرەك