مال ھارۋىسى 0

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچكەندىن كېيىن جىنسىي تەلەپ سۇسلىشامدۇ؟

بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەزى ئائىلىدىكىلەردىكى ئەمەلىي گاڭگىرايدىغان مەسىلە. ئادەتتە ئەر ئاياللار ھامىلدارلىقنى چەكلەش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا ئىشەنچلىك، ناچار تەسىرى بولمىغان تەرەپلىرىنى كۆپرەك ئويلىشىدۇ، لېكىن مەزكۇر ئۇسۇلنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. بەزى ئاياللار ئىستېروئىدلىق ھامىلدارلىقنى چەكلەش دورىسىنى ئىچكەندە ياكى ئوكۇل قىلدۇرغاندا جىنسىي ھەۋىسى سۇسلىشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ.

سىرتتىن كىرگەن ھورمۇنلار بەدەن ئىچىدىكى ھورمۇن تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، جىنسىي ھەۋىسى ۋە جىنسىي ئىنكاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئازلاپ، جىنسىي ھەرىكەت يېقىمسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ھامىلدارلىقنى چەكلەش دورىسى ئىچكەن ئاز ساندىكى ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ، بۇ ئېھتىمال بەدەن ئىچىدىكى دورا ئالمىشىش جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. نۆۋەتتە ھامىلدارلىقنى چەكلەش ياسالمىلىرىنىڭ مىقدارى ئازايتىلغاچقا پەيدا بولۇشى تېخىمۇ ئاز بولماقتا، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار فىزىئولوگىيىلىك سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

بەزى ئاياللاردا ئەمچەك تۇتقاندا ئاغرىش، جىنسىي يول ياللۇغى، باش ئاغرىش قاتارلىق پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن جىنسىي ھەۋىسى سۇسلىشىدۇ، بۇنىمۇ ئالدى بىلەن ھامىلدارلىقنى چەكلەش دورىسىدىن كۆرىدۇ، يەنە بەزى ئاياللار ھامىلدارلىقنى چەكلەش دورىلىرى ئىچكەندىن كېيىن، دورىنىڭ ناچار تەسىر كۆرسىتىش ئەندىشىسىدىن خالىي بولالمايدۇ، شۇڭا روھىي كەيپىياتىدا داۋالغۇش بولسىلابەدەندىكى ھەر بىر ئۇششاق ئۆزگىرىشلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ، روھىي كەيپىياتنىڭ مۇقىمسىزلىقىمۇ بەزىدە پىسخىك جىنسىي تەلەپ سۇسلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ.

ساغلاملىق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى


ئالدىنقى بەت:قانداق قىلغاندا ئاياللارنىڭ جىنسىي ئىستىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؟ كىينكى بەت:پاكىز بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش بالىياتقۇ بوينى راكىنى پەيدا قىلىدۇ