مال ھارۋىسى 0

جىنسىي تەربىيە : بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قىزلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك جىنسىي ھاياجاننى يېڭىش ئۇسۇلى

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قىزلار شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى ، ئادەم بىلەن باشقا ھايۋانلارنىڭ پەرقى شۇكى، ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ھەرىكىتى ئەقىل - ئىدراكنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، ئۇنداقتا جىنسىي ھاياجاننى قانداق يېڭىش كېرەك ؟ 

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە پەيدا بولغان ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر، مەسىلەن: ھەيز كېلىش ، يېتىلىش ۋە بەدەن تولۇش قاتارلىقلار، ساغلام بولغان جىنسىي ئاڭ ۋە جىنسىي ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش، شەھۋانىي، پەسكەش ناچار تەسىرلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇش، ئادەتتە شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال، رەسىملىك ژۇرناللارنى ئوقۇماسلىق، بەزى كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى ئەر - ئاياللارنىڭ ھەرىكىتىنى قىزىقىپ دورىماسلىق كېرەك. 

ئۇنىڭدىن باشقا، دوست تۇتۇشتا ئەستايىدىل تاللاش، ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان، پەسكەش كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق كېرەك. تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك بولۇش، ئۇخلاش ئالدىدا قالايمىقان خىياللارنى قىلماسلىق، تېز ئۇيقۇغا كىرىشىش، ئەتىگەندە ھورۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك. ھاراقنى كۆپ ئىچمەڭ. سىرتقى جىنسىي ئەزالارنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، تار ئىشتان كىيمەي، سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ سۈركىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا جىنسىي ھەۋەسنى يەڭگىلى بولىدۇ. 

ئەر -ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە تەبىئىي، ئوچۇق - يورۇق ۋە دوستانە بولۇشى كېرەك. شۇڭا كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتنىشىش، ئەڭ ياخشىسى تانسىخانىغا بارماسلىق كېرەك. ئايرىم ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، يات جىنسلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، چوقۇم سوغۇققان بولۇش، ئەقىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ھەم دوستلۇقنى قەدىرلەش تېخىمۇ مۇھىمى قىزلارنىڭ پاكلىقىنى قەدىرلەش كېرەك. 

تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكىلەر نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى جىنسىي قىلمىشنىڭ زىيىنىنى كۆرسەتتى: كىچىك قىزلارنىڭ بالا چۈشۈرۈش، بالدۇر ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ۋە بالدۇر پەرزەنت كۆرۈش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسانلا ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئالدىنقى بەت:بالاغەتكە يېشى جەريانىدىكى قىزلار چوقۇم جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك كىينكى بەت:قانداق قىلغاندا ئاياللارنىڭ جىنسىي ئىستىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؟