مال ھارۋىسى 0

بالاغەتكە يېشى جەريانىدىكى قىزلار چوقۇم جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك

بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قىزلار ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرى، بولۇپمۇ كۆپىيىش ئەزالىرى تېخى تولۇق يېتىلىپ يېتىلمىگەن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى جىنسىي تۇرمۇش ئىنتايىن زىيانلىق. 

بىرىنچىدىن بالدۇر ئۆتكۈزۈلگەن جىنسىي تۇرمۇش كۆپىيىش يولىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قىزلارنىڭ كۆپىيىش يولىنىڭ يېتىلىشى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولىدۇ، سىرتقى جىنسىي ئەزا ۋە جىنسىي يول ناھايىتى يۇمران بولۇپ، جىنسىي يولى بىر قەدەر قىسقا ھەمدە جىنسىي يول سىرتقى يۈزىنىڭ توقۇلمىلىرى ئاجىز بولىدۇ. ئەگەر جىنسىي ئالاقىدە بولسا قىزلىق پەردىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېرىلىپ كېتىش ۋە جىنسىي يول يېرىلىش سەۋەبىدىن قان كۆپ چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. 

 ئىككىنچىدىن بالدۇر جىنسىي تۇرمۇشتا نۇرغۇن ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە قىزلاردا دائىم ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرى كەمچىل بولىدۇ، توي قىلمىغان ئەھۋالدا، ھامىلىدار بولۇپ قالسا بالا ئالدۇرۇۋېتىش كېرەك. بۇ چاغدىكى سۈنئىي ئوپېراتسىيە قىزلارنىڭ ئىدىيىسىگە چوقۇم بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئوپراتسىيىدىن كېيىنكى سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز. بەزىدە سۈنئىي بالا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ھەيز كۆرۈش ياكى مەڭگۈ پەرزەنت كۆرمەسلىك قاتارلىق ئۆمۈرلۈك پۇشايماننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھامىلىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن دورا بىلەن بالا ئالدۇرسا ياكى شەخسىي شىپاخانىغا بېرىپ بالا چۈشۈرسە ناھايىتى خەتەرلىك.  يەنە بىر تەرەپتىن، توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولۇش دۆلىتىمىزدە ناشايان ئىش دەپ قارىلىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە ناچار تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. 

ئۈچۈنچىدىن بۇ ئۆزىگە، ئائىلىگە ۋە جەمئىيەتكە پايدىسىز . شۇڭا، دۆلىتىمىز بالدۇر مۇھەببەتلىشىشكە قارشى تۇرىدۇ، بۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاسراشتۇر، ھەربىر ياش قىز ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋە تېنىنى ئىنتايىن قەدىرلىشى كېرەك .

بەزىلەر قىزلارنىڭ جىنسىي ھاياجانلىنىشىنى ئەيىبلىدى ھەمدە قىزلارنى جىنسىي ھاياجانلىنىپ كەتمەسلىككە، ناچار غىدىقلاشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى، بۇ توغرا، ھېچكىم قىزلارنىڭ بۇ خىل جىنسىي ھاياجانلىنىشىنى كۈچىنىڭ بارىچە مۇبالىغە قىلمايدۇ.

قىز بالا تۇيۇقسىز ھاياجانلىنىپ كەتسە جىنسىي مۇناسىۋەت بولامدۇ؟


ئالدىنقى بەت:قىزلار دائىم بالا چۈشۈرگەندە قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقدىۇ؟ كىينكى بەت:جىنسىي تەربىيە : بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى قىزلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك جىنسىي ھاياجاننى يېڭىش ئۇسۇلى