مال ھارۋىسى 0

قىزلار دائىم بالا چۈشۈرگەندە قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقدىۇ؟

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ بىر خىل قۇتقۇزۇش تەدبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش نۆۋەتتە بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بىر خىل تۇغۇتنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى.

لېكىن، سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاياللار كۆپ قېتىم سۈنئىي بالا ئالدۇرسا بولمايدۇ.

بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاياللار ئەگەر قايتا ـ قايتا سۈنئىي بالا چۈشۈرۈشنى يولغا قويسا، كېيىن پەرزەنتلىك بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسىلەن، بالىياتقۇ قاناش، كۆپ قېتىم ھامىلە چۈشۈرۈش بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قايتا ـ قايتا جاراھەتلەندۈرۈپ، قاننىڭ كۆپرەك ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

يەنە مەسىلەن، بالىياتقۇ بوينى زەخىملىنىپ، بالا چۈشۈرگەندە ئامبۇر بىلەن بالىياتقۇ بوينىنى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالىياتقۇ بوينى يىرتىلىپ زەخىملىنىپ، كېيىنكى تۇغۇت بىۋاسىتە تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلە چۈشۈرۈش يەنە ھەيز نورمالسىزلىقى، يارا ئېغىزى يۇقۇملىنىش قاتارلىق نۇرغۇن ھامىلە چۈشۈرۈش ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن غايەت زور ئازاب ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە بالا چۈشۈرۈش بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىن ئىبارەت بۇ تۇغۇت بازىسىنى بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ يېڭى ھاياتلىققا ھامىلىدار بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى تەسكە توختايدۇ.

شۇڭا، دائىم سۈنئىي بالا چۈشۈرۈشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.


ئالدىنقى بەت:دائىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان قىزلارنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى كىينكى بەت:بالاغەتكە يېشى جەريانىدىكى قىزلار چوقۇم جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇشى كېرەك