مال ھارۋىسى 0

ئەرلەر بۇ ئىشلارنى بىلىۋالسا قىزلارنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشى تەس ئەمەس

جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا، ئاياللارنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىش يەتمەسلىكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ بەدەن ساپاسىغا، شۇنداقلا جىنسىي ھېسىياتىغا باغلىق بولىدۇ، ئاياللارنىڭ ئادەتتە بەدىنى بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، ئاياللارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئەر ـ ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى ئىپادىسى ۋە تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەر ـ خوتۇنلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا، ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۆزىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىكى تەسىراتىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئەرلەر پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسىلا، ئاياللار يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ئاياللارنى رازى قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ،

لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدۇ، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى ئۇزاق مەزگىل قان تولۇش ھالىتىدە تۇرسا ناھايىتى ئاسانلا ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللار مەيلى قانچىلىك ۋاقىتتا رازى بولسۇن ھەممىسى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارغا ۋە ئاياللارنىڭ تەن ساپاسى ۋە ساغلاملىق ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەزى ئاياللار ئىككى ـ ئۈچ مىنۇتتىلا ئەر ـ خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا قانائەتكە ئېرىشەلەيدۇ، بەزى ئاياللار بولسا 10 ـ 20 مىنۇتتا، بەزىلىرى ھەتتا، پۈتكۈل جىنسىي مۇناسىۋەت جەرياندا ئاسانلىقچە قانائەتلىنىپ قالمايدۇ، شۇڭلاشقا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى سەزگۈر ئورۇنلارنى دائىم غىدىقلاپ ۋە سىلاپ بەرگەندە، ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئاتا قىلغىلى بولىدۇ ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي ھېسىياتنى تىز قوزغىغىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاياللار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى ھېس قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى جىنسىي ھېسسىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ ۋە جىنسىي تۇرمۇشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى بەت:ئۇرۇقدىنى كىچىك ئەرلەر ئاياللارنى قاندۇرالامدۇ كىينكى بەت:دائىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان قىزلارنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى