مال ھارۋىسى 0

ئۇرۇقدىنى كىچىك ئەرلەر ئاياللارنى قاندۇرالامدۇ

جىنسىيەت تىلغا ئېلىنسىلا كۆپ ساندىكى ئەر-ئاياللار تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، ئەمەلىيەتتە جىنسىي ساغلاملىق ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ گۈزەل بولۇشنى ۋە بەخىتلىك بولۇشنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىرقى دەۋرىمىزدە جىنسىي ئاجىزلىق ئەرلەرنىڭ ئورتاق باش ئاغرىتىدىغان مەسىلەن بولۇپ قالدى، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشتا ۋە ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا ئاياللاردىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان-كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

ئۇرۇقدان ئۇرۇق ھاسىل قىلىش ۋە ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئەرلەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 8 مىللىلىتىردىن تۆۋەن بولمىسا جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر يەتمەيدۇ، ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن جىنسىي ئىقتىدارى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش بولمايدۇ.

ئەمما بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغىنى، ئۇرۇقداننىڭ رولى، ئۇرۇقداننىڭ ئىقتىدارىنى ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇرۇقداننىڭ ئەۋرىشىملىكى ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇرۇقدان يۇمشاشقا، ئۇرۇقدان ئىقتىدارى ۋە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىنسىي ھەۋەس سۇسلىشىش، قايىم بولۇش قىيىنلىشىش، ئۇيقۇسى قىچىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بەل-پۈت تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىشكە باشلايدۇ. نورمال ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان ھەجىمىنىڭ پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، ئادەتتە ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى نورمال دائىرىدە بولسا ۋە ئۇنىڭ ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى نورمال بولسىلا، جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭا ئارتۇقچە غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ.


ئالدىنقى بەت:نېمە ئۈچۈن ھازىر كۆپلىگەن ئەرلەردە بۆرەك ئاجىزلىشىش ئەۋىج ئېلىپ كەتتى كىينكى بەت:ئەرلەر بۇ ئىشلارنى بىلىۋالسا قىزلارنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشى تەس ئەمەس