مال ھارۋىسى 0

نېمە ئۈچۈن ھازىر كۆپلىگەن ئەرلەردە بۆرەك ئاجىزلىشىش ئەۋىج ئېلىپ كەتتى

. ساغلاملىق مەسلىسى دۇنياۋىي مەسىلەن بولۇپ، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ساغلام تەنگە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ قالدى، بىز كۈندە ئۆزىمىزنى ساغلاملىققا دىققەت قىلىشنى شۇنچە ئەسكەرتىپ تۇرساقمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ناچار تۇرمۇش ئادىتى ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا ئازدۇر-كۆپتۇر سىڭىپ كىرىپ. ساغلاملىقىمىزغا ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە، مەسلەن ئەڭ ئاددىيسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ئادىتى بار، ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەندە، ئاسانلا بۆرەككە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماكا چېكىش يېشى كىچىك ۋە تاماكا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن، ئەگەر تاماكا مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەن ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك ـ ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەي، ، ئۇزاق مۇددەت تۈنەپ خىزمەت قىلىپ ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، بۆرەكنى ئاسانلا زەخىملىنىپ، بۆرەك زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

2. بېسىمنىڭ ئېشىپ كېتىشى جەمىئەتنىڭ تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىشى سەۋەبىدىن، ھازىرقى زاماندا ئەرلەرنىڭ خىزمەت بېسىمى ئومۇميۈزلۈك ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ خىزمەتنىڭ سالمىقى ئەرلەرگە بولغان بېسىمىمۇ ئاياللارنىڭكىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئەر، چوڭلار ۋە كىچىكلەرمۇ بۆرەك ئاجىز بولۇشتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە ئېغىر بېسىمدىن ئىبارەت قوش بېسىم، ئاسانلا چارچاپ كېتىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، تىت ـ تىت بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۆرەك زەئىپلىشىش، مېڭە زەئىپلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.

3. يېمەك ـ ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق يېمەك ـ ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشى بىلەن، ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر ئاچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ،  بۇ خىل يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق ئەھۋالى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، تەبىئىيلا بەدەندىكى ئەخلەت ۋە زەھەرلىك ماددىلار كۆپىيىپ، ئاسانلا بىر قاتار بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن بۆرەككە تاش چۈشۈش، بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش قاتارلىقلار.

ئەگەر ئۇزاق مۇددەت زىيادە تۇزلۇق تاماق يېسە، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزىنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكىنى ياخشى كونترول قىلىپ، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش، زىيادە يەپ ـ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. ئادەتتە بۆرەك زەئىپلىشىش دېيىلسە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ، ھەقىقەتەن، تېببىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۆرەك زەئىپلىشىش ھادىسىسى مەلۇم دەرىجىدە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر نۇرغۇن ئەر دوستلار ئۆزىنىڭ ياش، قاۋۇل ئىكەنلىكىگە تايىنىپ، خۇددى تۈگىمەس زېھنى كۈچىنى ئىشقا سالغاندەك، ئۆزىنى قىلچە تىزگىنلىمەي مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ، لېكىن، ئۇزۇن مۇددەت ھەددىدىن زىيادە شەھۋەتپەرەسلىك قىلسا، ئاسانلا بۆرەك جەۋھىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەر دوستلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا لايىقىدا بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، سەل ئۇزۇنراق بولغان ئەر دوستلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش چاستوتىسىنى تاللىشى، ھەرگىزمۇ ھەددىدىن زىيادە شەھۋەتپەرەسلىك سەۋەبىدىن بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، زىيان تارتماسلىقى كېرەك.


ئالدىنقى بەت:پۇت تۈكىنىڭ راستتىنلا جىنسىي ئىقتىدارى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ كىينكى بەت:ئۇرۇقدىنى كىچىك ئەرلەر ئاياللارنى قاندۇرالامدۇ