مال ھارۋىسى 0

پۇت تۈكىنىڭ راستتىنلا جىنسىي ئىقتىدارى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بىر مۇرەككەپ فىزىيولوگىيەلىك جەريان بولۇپ، بىر قاتار شەرتلىك رېفلېكس ۋە غەيرىي شەرتلىك رېفلېكس ئارقىلىق تاماملىنىدۇ، ئۇ نېرۋا، روھىي ئامىل، ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى ۋە جىنسىي ئەزا قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ مېڭە پوستلاق ماددىسىنىڭ جىنسىي شارائىت رېفلېكسى مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ، ئادەتتىمۇ جەمىيىتىمىزدە كىشىلەر پۇت تۈكى ئۇزۇن ھەم قويۇق ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى كۆپ ھاللاردا بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، شۇنداقلا بىر قەدەر ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى تەخمىنەن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ دەپ قارايدىغانلار خېلى نىسبەتنى ئېگەلەيدۇ.

ئەلۋەتتە پۇتنىڭ تۈكىدىنلا بىر ئەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارنى ئۆلچەيدىغان بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇل بار بولۇپ، مۇشۇنىڭغا قاراپمۇ ئەرلىك ئىقتىدارنى توغرا ئۆلچەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

بىرىنچى، زەكەرنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك.

ئەرلەردە جىنسىي قوزغىلىش پەيدا بولغاندا، زەكەر تېز ياكى كېچىكىپ قايىم بولىدۇ ھەمدە ھەر قېتىم قايىم بولۇش ۋاقتى ئاياللارنى رازى قىلالىغۇدەك نورمال بولسا، بۇ جىنسىي ئىقتىدارنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر، بەزىدە قايىم بولمىسا ياكى قايىم بولغاندىن كېيىن مەنىي قۇيۇپ بېرىش تېز بولۇپ كەتسە ئاسانلا يۇمشاپ كېتىدۇ، بۇنداق بولسا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئىككىنچى، جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى تەشەببۇسكارلىق.

ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتنى سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلىسىڭىز يەنە بىر يېرىمىنى ئايالىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلايدۇ، ئەگەر ئاكتىپ بولسىڭىز ھەممىسى نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر ھەر قېتىم ھەمراھىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلىغان بولسا، ياكى ھەمراھىڭىز باشلىغان ۋاقىتتا جىنسىي قىزىقىشىڭىز قوزغالمىسا، بۇ سىزنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىڭىزدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۆزىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق جىنسىيەتكە بولغان ئىنكاسىغا قاراش كېرەك.

بۇ ئىككى جەھەتتە نورمال ئەرلەر، ياش، چىرايلىق ئاياللارنى كۆرگەندە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، يەنە بىر يېرىم يالىڭاچ مۇسكۇللارنى كۆرگەندە ئىختىيارسىز سىلىغۇسى كېلىدۇ.

ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە ھەرقانداق جىنسىي تەسەۋۋۇر پەيدا بولمىسا، بۇ سىزنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئاستىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

يۇقىرىقىلار ئاددىي ئۈچكە قاراش ئۆز ـ ئۆزىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى بولۇپ، سىناپ بولغاندىن كېيىن،

جىنسىي ئىقتىدار نورمال دائىرىدە بولسا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن غەم يىيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.


ئالدىنقى بەت:جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولامدۇ؟ كىينكى بەت:نېمە ئۈچۈن ھازىر كۆپلىگەن ئەرلەردە بۆرەك ئاجىزلىشىش ئەۋىج ئېلىپ كەتتى