مال ھارۋىسى 0

جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولامدۇ؟

جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق كېسەل داۋالىغىلى بولىدۇ دېگەن ھەرگىزمۇ مۇبالىغە گەپ ئەمەس،

گۈزەل جىنسىي ھېسىيات ۋە ساغلام جىنسىي تۇرمۇش نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە قارىتا، بىز ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە پەسەيتىش ۋە تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ.

1.ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

ھەممە ئادەم  تاتلىق ئۇيقۇسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق دائىم كۆپچىلىكنى قىينايدۇ.بولۇپمۇ ئاياللار، تېخىمۇ ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ.

بىر قېتىملىق ئىناق جىنسىي تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بەدەن بوشاشقا باشلايدۇ، مۇسكۇللارمۇ قانائەت تاپقاندىن كېيىنكى ھارغىنلىق ئىچىدە راھەتلىنىپ، ئۇيقۇ تەبىئىيلا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي تۇرمۇش قانچە كۆڭۈللۈك بولسا، شۇنچە ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ.

2.ھەيز مەزگىلىدىن بۇرۇنقى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەرنى يېنىكلىتىدۇ.

ئاياللار ھەيز كېلىشتىن بۇرۇنقى 5 ـ 7 كۈن ئىچىدە، داس سۆڭىكىگە ئېقىپ كىرىدىغان قان كۆپىيىپ، ئىششىق ۋە تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق كۆپۈش ياكى قورساق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت  قاننىڭ داس بوشلۇقى رايونىدىن ئېقىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، قاننىڭ ئومۇمىي ئايلىنىشىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، داس سۆڭىكىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورساق بىئارام بولۇشنى يېنىكلىتىدۇ.ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىگەن ئاياللار جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

3.مېڭىنىڭ ياشلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.

ياپونىيەنىڭ تېببىي تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق مىڭنىڭ  ئىلگىرىلەش، باش ئاغرىش،ھەرىكەت  ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن كىشىلەرگىمۇ  تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بولۇپ،ئەستە تۇتۇشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.جىنسىي تۇرمۇش داس سۆڭىكى، پۇت ـ قول، بوغۇم، مۇسكۇل، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنى تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەك ئىقتىدارى ۋە ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، يۈرەك كېسىلى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ.

ئىناق جىنسىي تۇرمۇشقا ئىگە كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى جىنسىي تۇرمۇشى ئىناق بولمىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئاز دېگەندە 10% خەۋپنى ئازايتىدۇ،

4.تېرە كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش كېرەك.

تېرىنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولمىسا، دانىخورەك، تۇتۇق داغ قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ماددا ئالمىشىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تېرىنى پارقىراق، يۇمران قىلىدۇ ھەمدە تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش، ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.زۇكام، يۇقىرى قان بېسىم، ھەر خىل جاراھەتلەردىن دائىم قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.

جىنسىي تۇرمۇش ئادرېنالىننى تەكشى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، مۇسكۇلنى تارايتىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ياخشى ھالەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ.

5.ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

جىنسىي تۇرمۇشى تەرتىپلىك ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى ئاندا ـ ساندا جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغان ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تۇخۇمداننىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ھەيز نورمال كېلىدۇ، يەنە كىلىماكتېرىيە دەۋرىنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەت  جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىنى كۆپەيتىپ، جىنسىي يول شىللىق پەردىسىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

6.قېرىشنى ئاستىلىتىدۇ.

ئاياللار 35 ياشلار ئەتراپىدا سۆڭەك شالاڭلىشىشقا باشلايدۇ.

جىنسىي مۇھەببەت خولېستېرىننى تەڭشەپ، سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ساقلاپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنى ئاستىلىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن مېڭىش ھالىتى يېنىك كۆرۈنىدۇ، بەدىنىنىڭ جانلىقلىقىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.


ئالدىنقى بەت:قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ؟ كىينكى بەت:پۇت تۈكىنىڭ راستتىنلا جىنسىي ئىقتىدارى بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بارمۇ؟