مال ھارۋىسى 0

قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇش ئىنتايىن  گۈزەل بىر ھېسسىي خوشاللىق بولۇپ،مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش بىلەن بىرگە ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بەخىتنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئەمما بەزى ئەر ـ ئاياللار قايسى ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن، نامۇۋاپىق ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالمايدۇ، نامۇۋاپىق جىنسىي  مۇناسىۋەت جىنسىي تۇرمۇشنىڭ  سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ،شۇڭا بۇ نەچچە خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك،،

1. كېسەل تۇرۇپ جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.

ئېغىر كېسەل بولغان ۋە ياكى كېسەل خاراكتېرى يۇقۇشچانلىققا  ئىگە بولسا،بولۇپمۇ جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىش كېرەك

2. چارچاپ كەتكەن ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك  كېرەك،.

زېھنىي كۈچى ياكى بەدەن چارچىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە  كۆپ ھاللاردا ئىككى تەرەپنىڭ رازى بولماسلىقتەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. كەيپىياتىڭىز ياخشى  بولمىسا زورلاپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەڭ،

كەيپىيات ياخشى بولمىغان ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ماسلىشالمايلا  قالماي، يەنە قارشى تەرەپنى بىزار قىلىپ قويىدۇ،

4. ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.

ئايال تەرەپ ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا بالىياتقۇ ياكى قوشۇمچە ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ھاراق ئىچىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەڭ 

بىر قىسىم كىشىلەر ھاراق ئىچىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا  ئادەتلەنگەن، بەزىلەر ھەتتا ھاراق ئىچىپ جىنسىي مۇناسىۋەت  ئۆتكۈزسە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، بولۇپمۇ كۈچلۈك ھاراق ئىچكەندە، ئەر تەرەپنىڭ زەكىرىنىڭ قوپماسلىقى  ياكى مەنىينىڭ بالدۇر كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، 

6.جىنسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەي تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەڭ

جىنسىي ئەزا پاكىز بولمىسا، يەنە قارشى تەرەپنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، باكتېرىيە قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى قارشى تەرەپنىڭ بەدىنىگە ئېلىپ كىرىپ ئىچكى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، قارشى تەرەپتىكى ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدۇ.

رەتلىك، پاكىز بولۇش ، ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ئاستىنقى بەدەننى يۇيۇش ئىككى تەرەپنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغىمۇ پايدىلىق.

7.زىيادە تارتىنماڭ.

جىنسىي مۇناسىۋەتتە تارتىنىش يېڭى توي قىلغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

چۈنكى بەك تارتىنىپ كەتسە، ئاسانلا ئەر تەرەپنىڭ مەنىي بالدۇر كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە  جىنسىي ھېسىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ

8. تۇغۇتتىن كېيىنلا  جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.

ئەگەر تۇغۇتتىن كېيىن جىنسىي ئالاقىنى بالدۇر ئېلىپ بارسا، ئاسانلا بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولماسلىق ۋە بالىياتقۇ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئالدىنقى بەت:نېمە ئۈچۈن ئەرلەر مۇناسىۋەتتىن كېيىنلا يېتىپ ئۇخلايدۇ؟ كىينكى بەت:جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقمۇ كېسەل داۋالىغىلى بولامدۇ؟