مال ھارۋىسى 0

نېمە ئۈچۈن ئەرلەر مۇناسىۋەتتىن كېيىنلا يېتىپ ئۇخلايدۇ؟

بىز دائىم قىزلارنىڭ ئېرىنىڭ ئۆزى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بېشىنى قويۇپلا ئۇخلاپ قالغانلىقىدىن ئاغرىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، تۇرىمىز.

جىنسىي مۇناسىۋەتتە، جىنسىي ھېسىيات، يۇقىرى پەللە ۋە جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىنكى بەزى ھەرىكەتلەرمۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەسىراتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

لېكىن، ئەرلەر جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن بەك ئۇخلىغۇسى كېلىدۇ، ئۆزىمۇ كونترول قىلالمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ خوشاللىقىدىن بەھرىمان بولغۇسى يوقلۇقنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن ئەرلەر بېشىنى قويۇپلا ئۇخلايدۇ؟

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئەرلەر جىنسىي يۇقىرى پەللىگە چىققاندىن كېيىن چوڭ مېڭە بارلىق جىنسىي ھەۋەس بۇيرۇقلىرىنى تاقىۋېتىدۇ، ئاندىن چوڭ مېڭە ئەرلەرنى ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگۈزىدىغان خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن تولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جىنسىي يۇقىرى پەللىگە چىققاندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى جىگەر گلىكوگېنىمۇ كۆپ مىقداردا خورايدۇ، شۇڭا ئاسانلا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا جىنسىي مۇھەببەتتىن كېيىن بېشىنى قويۇپلا ئۇخلايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

ئۇنداقتا، جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن جىسمانىي كۈچنى قانداق قىلغاندا تېز ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟

1. سۇ تولۇقلاش

جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن چوقۇم سۇ تولۇقلاش كېرەك، چۈنكى ئەسلىدىنلا بۇ ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ھەرىكەت بولغاچقا، بەدەن كۆپ تەرلەپ، سۇ كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا جىنسىي تۇرمۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك.

2. مۇۋاپىق مىقداردا يېمەكلىك يېيىش كېرەك..

جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە خورايدىغان بولغاچقا، جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن ئادەتتە قورساق ئاچىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.

شۇڭا بىر قىسىم ئۇششاق ـ چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشمۇ ياخشى تاللاش بولۇپ، ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە پايدىلىق.

3. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش 

جىنسىي مۇناسىۋەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جۈپتىنى سىلاپ بېرىش. شېرىن، جىنسىي ھېسىياتنى كۆتۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، ۋە قۇچاقلىشىپ يىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن جىنسىي تۇرمۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى بەت:ئاياللار ئۇزاق ۋاقىت مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسە قانداق بولىدۇ؟ كىينكى بەت:قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ؟