مال ھارۋىسى 0

ئاياللار ئۇزاق ۋاقىت مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسە قانداق بولىدۇ؟

ھازىر جەمىئەتتە نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئورنى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، كۆپۈنچىسى ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولۇپ، كۆپ ئىشلاردا ئەرلەرگە تايانمايدۇ.

نەتىجىدە، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بويتاق ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەگەر بىر ئايال ئۇزاق ۋاقىت ئەر ـ خوتۇنلۇق تۇرمۇشى بولمىسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە ئاستا ـ ئاستا بۇ بىر قانچە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ!

1. ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر ئاياللار ئۇزاق ۋاقىت ئەر ـ خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا بولمىسا، بۇ ئاسانلا ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئەرلىك ھورمۇن مۇناسىپ تەڭشەلمىگەچكە، ئاياللاردا ھەيز نورمالسىزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئۇ ھەتتا بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

2. سۈت بېزى كېسەللىكلىرى

ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى بولمىسا، فىزلوگىيەلىك مۇناسىپ تەڭشەش كەمچىل بولغانلىقتىن، بەدەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆپ ھاللاردا خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى، ئاياللار چوقۇم بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

3. ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش

سۈپەتلىك بولغان جىنسىي تۇرمۇش ئاياللارنىڭ تېرىسى ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن، ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي ھېسىيات بولمىسا. بەدەندىكى ھورمۇنلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشقا زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەر جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ.

جىنسىي يولنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن جىنسىي يولدا كۆپ مىقداردا كېسەللىك باكتېرىيەلىرى مەۋجۇت بولىدۇ، ئەمما جىنسىي يولنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى بولغاچقا، جىنسىي يول ئىچىدە دائىم بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىدۇ

بۇ خىل يېپىشقاق سۇيۇقلۇق باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغاندا، جىنسىي يول تولۇق غىدىقلىنىپ تۇرمىغاندا شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، كېسەللىك باكتېرىيەلىرى ئاسانلا جىنسىي يولدا كۆپلەپ كۆپىيىپ، جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنە داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. نېرۋا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا ئىچى تىتىلداپ كۆپ تەرلەيدۇ.

ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك بولغاندا، ئاياللىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئاشىدۇ، ئەمما ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي تۇرمۇش بولمىغاچقا، ھورمۇن بەدەندە يىغىلىپ، بەلگىلىك مىقدارغا يەتكەندە ئادەم بەدىنىدىكى نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئىچى تىتىلداش، كۆپ تەرلەش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

6. ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەيدۇ.

ئاياللارنىڭ ساغلام، مۇقىم جىنسىي تۇرمۇشى بولسا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، مەلۇم يېڭى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشقا يولۇققاندىمۇ قارشىلىق كۈچى بولىدۇ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، جىنسىي ھەرىكەت قىلىش ئادەمنىڭ بەدەن ھەرىكىتىنى ئورۇقلاش رولىغا يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى خۇشال قىلىپ، يۈرەك قان تومۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ

7. ئاسانلا كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىپ قېلىشى مۇمكىن

پىشقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىسە، تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى جىنسىي ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىدۇ، فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، جىنسىي ئىقتىدارنى ئاجىزلاش، قورۇق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىپ، كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە بالدۇر قەدەم قويۇشى مۇمكىن..

ئادەمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ ھەممىسى تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئورگانىزم بۇ خىل ئىقتىدارنى سىز ئېھتىياجلىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئەڭ كېيىن يېتىلگەن سىستېما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەڭ بالدۇر چېكىنگەن سىستېما دەپ قارايدۇ

ئادەم ياكى ھايۋانلار ھەمىشە جىنسىي ھەۋىسى ئەڭ كۈچلۈك، كۆپىيىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ئىجادچانلىققا ئىگە بولىدۇ، بۇ تەبىئەت جانلىقلارغا ئاتا قىلغان بىر خىل كۆپىيىش ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئادەمنىڭ جىنسىي ئاجىزلىشىپ كەتكەندە، ئادەممۇ قېرىيدۇ، ھەر جەھەتتىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئاجىزلىشىش مەزگىلىگە كىرىدۇ.

ئالدىنقى بەت:ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا جىنسىي تۇرمۇشنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ كىينكى بەت:نېمە ئۈچۈن ئەرلەر مۇناسىۋەتتىن كېيىنلا يېتىپ ئۇخلايدۇ؟