مال ھارۋىسى 0

ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا جىنسىي تۇرمۇشنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟

بالا بولسا مۇھەببەتنىڭ شېرىن مېۋىسى بولۇپ بىر ئائىلە ئىناقلىقنىڭ ئاساسى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىسى ھېسابلىنىدۇ،،يېڭى توي قىلغان ۋە بالىلىق بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ھامىلىدارلىق مەزگىلدە جىنسىي مۇناسىۋەتنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى بىلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ ،جىنسىي تۇرمۇشنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئاندىن ياخشى ھامىلىدار بولغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشى قاتىدۇ.

ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى توغرا تېپىش كېرەك

ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە ئەر ـ خوتۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرگەندە پەقەت ھامىلىدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.ھەيز دەۋرى قانۇنىيەتلىك بولغان ئاياللارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش ۋاقتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ.تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ھەيز كەلگەندىن كېيىنكى 14ـ كۈنى بولۇشى مۇمكىن.

تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئىشلەپ چىقارغاندىن كىيىن،تەخمىنەن 2 ـ 5 كۈنگىچە ياشىيالايدۇ، ئۇرۇق ئاياللارنىڭ كۆپىيىش يولىغا كىرگەندە 1 ـ 3 كۈنگىچە ياشىيالايدۇ، شۇڭا، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىن 3 ـ 4 كۈن بۇرۇن ۋە تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدىن كېيىن 5 ـ 7 گىچە بولغان ئارىلىقتا جىنسىي جەھەتتە ياخشى ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ.

ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۇسۇلى:

ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسى ساغلام كىشىلەرنىڭ سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىنكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆرسىتىدۇ،نورمال تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارغاندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى دەرھال ئۆرلەيدۇ ھەمدە كېيىنكى ھەيز دەۋرى باشلانغىچە داۋاملىشىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىنى تېپىش ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنقى 3 ـ 4 كۈنى ۋە كېيىنكى 5 ـ 7 كۈندە بىرگە بولۇش كېرەك.

جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش:

ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى ھەيز دەۋرىنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىلىگە ئەگىشىپ قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بارغانسېرى كۆپىيىپ، جىنسىي يولدا نەملىك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق سۈزۈلىدۇ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق يىپەك تارتىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 10 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ.

بۇ خىل يېپىشقاق سۇيۇقلۇقنىڭ داۋاملىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، ئادەتتە تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى بولىدۇ.ئۇنىڭ ئالدىدا 3 ـ 4 كۈن ۋە كەينىدە 5 ـ 7 كۈن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

جۇڭيى تېبابىتىدە، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئادەمنىڭ قېنى زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

ئەگەر كۈندە بىر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئەرلەرنىڭ زېھنى يېتىشمەي، سۈپىتى ناچار ئىسپېرما پەيدا بولۇپ.ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز.لېكىن بۇمۇ چوقۇم بەك نەپسىنى يىغىۋېلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.بولمىسا ئۇرۇقنىڭ ئۇرۇقداندا تۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ، ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ، شۇنداقلا ساغلام بوۋاق تۇغۇلمايدۇ.

شۇڭا ئادەتتە، تۇخۇم چىقارمايدىغان مەزگىلدە، ھەپتىدە 1 ـ 2 قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە بولىدۇ، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە، ئەھۋالغا قاراپ سەل كۆپرەك بولسا بولىدۇ.

تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى: ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش

ئۇنداقتا تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە،ھەر ئىككى كۈندە بىرگە بۇلۇش كېرەك..

بۇنىڭ سەۋەبى، تۇخۇم تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆپ ھاللاردا 12 ـ 24 سائەت ياشىيالايدۇ، ئەمما ئۇرۇق ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا كىرسىمۇ پەقەت 1 ـ 3 كۈن ياشىيالايدۇ، شۇڭا تۇخۇم چىقىرىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ياكى تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىنكى بىر كۈن ئىچىدە مۇھەببەت ناھايىتى ئاسانلا ھامىلىدار بولىدۇ.

ئەگەر تۇخۇم چىقىرىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم ياخشى كۆرۈشسە، ئۇ ھالدا ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى چوڭايتقىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى بەت:ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟ كىينكى بەت:ئاياللار ئۇزاق ۋاقىت مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىسە قانداق بولىدۇ؟