مال ھارۋىسى 0

ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟

ئەگەر مۇمكىن بولسا قانداق قىلغاندا بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ 

تېببىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەر ـ خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزسە بولمايدۇ، لېكىن ساغلام ھەم مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش ئەر ـ خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىدۇ، يەنە جىنسىي تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ ھەمدە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى بەلگىلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

لېكىن بىر نۇقتىغا ئەر ـ خوتۇنلار چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك، خەتەرگە تەۋەككۈل قى  لىپ سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ، ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى ۋە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى ئەر -ئايال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگىنى ياخشى.

نۇرغۇن كىشىلەر ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئەر ـ خوتۇنلار ئارىسىدا جىنسىي تۇرمۇشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئۆتكۈزسە بولىدۇ، ئەمما زىيادە كەسكىن بولۇپ كەتمەسلىك، خوتۇننىڭ قورسىقىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ھامىلە تۇراقسىز بولغاچقا، دەسلەپكى ئۈچ ئايدا بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى بىر قەدەر ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋاقىت بولۇپ، بەزى ئانىلار بەدىنىنىڭ سەۋەبىدىن ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇ خىلدىكى ئانىلار چوقۇم تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.

1. بالا ھەمرىيى تېخى يېتىلمىگەن بولسا، بالا ھەمرىيى بىلەن بالىياتقۇ دىۋارىنىڭ ئۇلىنىشى تېخى زىچ ئەمەس.

2. ھامىلىدارلىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولمىسا، تۆرەلمىگە كۈچلۈك مەدەت بېرەلمەيدۇ.

شۇڭا ئەر ـ خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بۇ باسقۇچتا جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا ھامىلىدار ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئىچكى ئاجراتما ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاسى ۋە ھامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقاندا، يەنە ئەر ـ خوتۇن ئوتتۇرىسىدا جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان تەلەپ ۋە جىنسىي ئىنكاس تۆۋەنلەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى ئەر ـ خوتۇن بىر ئۆيدە بولماسلىقى كېرەك.


ئالدىنقى بەت:قانداق ئەھۋاللار ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ؟ كىينكى بەت:ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا جىنسىي تۇرمۇشنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟