مال ھارۋىسى 0

قانداق ئەھۋاللار ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ؟

ساغلام ۋە ئەقىللىق پەرزەنتلىك بۇلۇش نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ، ئەمما قانداق قىلغاندا شېرىن مۇھاببەتنىڭ مېۋىسى بولغان پەرزەنتىنى ساغلام ۋە ئەقىللىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ؟

 بەزى ئەرلەر خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن ياكى باشقا سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە ئانچە ئەھمىيەت بېرەلمەي قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئىقتىدارى ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ،

ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى پەرزەنت كۆرۈش يېشى يېشى قانچە ياش؟

ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى پەرزەنت كۆرۈش يېشى ئادەتتە 30 ياشتىن 35 ياشقىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدىكى ئەرلەر، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بىر قەدەر پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىدىغان بولۇپ، جىنسىي ئىقتىدارى ۋە ئۇرۇق سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

ئەمما 35ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇن ئاجىزلىشىشقا باشلاپ، ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز ئامىللارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما ئەرلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى بولسا، 35 ياشتىن كېيىنمۇ يەنىلا ساغلام ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ.

ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلسە، تۇغۇت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ 

تاماكا چېكىش تارىخى 10 يىلدىن يۇقىرى بولغانلار

تاماكا چېكىش ئۆپكە، ئاشقازان قاتارلىق ئەزالىرىغىلا ئەمەس، كۆپىيىش ئەزالىرىغىمۇ ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىنىڭ ساغلام ھامىلە يېتىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ، ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قىلىش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

نورمال ئەرلەر ھەر قېتىم چىقارغان ئىسپېرما مىقدارى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك، ئەگەر سىزنىڭ چىقارغان ئىسپېرمىڭىز ھەر قېتىمدا ئىككى مىللىلىتىردىن ئاز بولسا، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشى پەرزەنتلىك بۇلۇش يېشىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئۇنداقتا ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؟

ئەر-ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشتا شەخسىي تازىلىققا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئەرلەر ياكى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى ۋە ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاراق ئىچىش مىقدارىنىمۇ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك، چۈنكى ھاراقنى كۆپ ئىچىشمۇ ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

شۇڭا ئادەتتە تۇرمۇشتا چوقۇم نۇرغۇن تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا دىققەت قىلىش، چوقۇم مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، جىنسىي تۇرمۇشنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بۇلۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى بەت:جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئالىدىكى تەييارلىقلار كىينكى بەت:ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟