مال ھارۋىسى 0

بىر ئايدا قانچە قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە مۇۋاپىق بولىدۇ

جىنسىي ئىقتىدارى نورمال ئادەمنىڭ ھەممىسى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى، جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانىنىڭ كۆپرەك بۇلىشىنى ۋە ھەر قېتىمدا ئۇزۇن داۋاملىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەم جىنسىي مۇناسىۋەت قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ، ئەمما جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كېتىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس. مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر ئايلىق جىنسىي مۇناسىۋەت 15 قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

ئەگەر ھەر ئايلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى 15 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، بەدەننىڭ قان ئايلىنىشى ئاستىلاپ، بەدەندىكى ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش مىقدارىمۇ تەبىئىيلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسانلا جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا زېرىكىشلىك ھېس قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ، ھەتتا خىزمەت قىلغاندىمۇ چارچاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.

شۇڭا جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ۋە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك، بىر ھەپتىدە 2 ـ 3 قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. مۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش ئەر-ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ساغلام بولغان جىنسىي تۇرمۇش چوڭ مېڭىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تېتىك، روھلۇق قىلىدۇ.


ئالدىنقى بەت:قانداق ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزگە تېخىمۇ جەلىپ قىلالايدۇ. كىينكى بەت:جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئالىدىكى تەييارلىقلار