مال ھارۋىسى 0

ئەر ـ ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشتىكى مەخپىي ئۇسول

بىز دائىم تور بەت ياكى سالونلاردىن باشقىلارنىڭ جىنسىي ئاجىزلىق جەھەتتە مەسلىھەت سورىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز ياكى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسىي ئاجىزلىق ھازىر ئەرلەرنىڭ ئاساسلىق كېسەللىكنىڭ بىرگە ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن ئەرلەر كارىۋاتتا شىردەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قېلىپ، ئايالىنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس، كۆپىنچە ئەرلەر دورا يېيىش ئارقىلىق جىنسىي ئاجىزلىقىنى داۋالىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە جىنسىي ئاجىزلىقىنى دورا يېمەيمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش.

ئادەتتە بەدەن سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى كىشىلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ ھەمدە ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىپ ھەم شۇنداقلا پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پىسخىكىنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلانغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەتتە ماسلىشىش ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتكە ماھىر بولسا، ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتالايدۇ ھەمدە ئاياللارنى يېتەرلىك جىنسىي قانائەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا قارشى تەرەپنى ماختاشمۇ بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ،

ئەقىللىق ئايال قارشى تەرەپنى ماختاش بىلەن بىرگە، قارشى تەرەپكە ئۇنىڭ جىنسىي ئېھتىياجى ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىنى، ئارزۇسىنى ئەپچىللىك بىلەن يەتكۈزەلەيدۇ. بۇنىڭدا ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا ئەرلەر ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشىدۇ ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقىتمۇ تەبىئىيلا ئۇزىرايدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئۇزارتىشنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن، مۇشۇ قانۇنىيەتلەردىن ئىلمىي پايدىلىنىش كېرەك.

جىنسىي مۇھەببەت جەريانىدا يەنە باشقا جىنسىي مۇناسىۋەت كۆرۈنۈشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، بىز تەسەۋۋۇر قىلغان گۈزەل جىنسىي مۇناسىۋەت كۆرۈنۈشى دەل بىزگە جىنسىي مۇناسىۋەتتە يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغان خۇشاللىق ئاتا قىلالايدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، دىققىتىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ۋە كۆز ئالدىڭىزدىكى پەيتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ھىدىنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى، ھەر بىر قان تومۇردىن ئېقىپ ئۆتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، جىنسىي مۇناسىۋەتكە كىرىشسىڭىز ئىشىنىمەنكى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى تەبىئىي ئۇزارتىش ئۈنۈمىگە يېتىپلا قالماستىن يەنە گۈزەل جىنسىي ھېسىياتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايسىز.


ئالدىنقى بەت:قايسى ئامىللار بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ؟ بۆرەك ئاجىزلىقىنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ كىينكى بەت:قانداق ئاياللار ئەرلەرنى ئۆزگە تېخىمۇ جەلىپ قىلالايدۇ.