مال ھارۋىسى 0

قايسى ئامىللار بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ؟ بۆرەك ئاجىزلىقىنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟

بىز مەيلى خىزمەت قىلىش داۋامىدا كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنالمايمىز. ئادەتتە ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئەرلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، داس بوشلۇقىغا قان تولۇش، تېلىپ ئاغرىش، ياللۇغلىنىش قاتارلىق تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئولتۇرغاندا تاشقى بۆرەكنى بېسىۋېلىپ، قان ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئۇزاق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندا پات-پات ئورنىدىن تۇرۇپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇسكۇللىرىنى بوشىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. مۇۋاپىق ھەرىكەت پەيلەرنى چىڭىتىپ سۆڭەكنى ساغلاملاشتۇرۇش، قان ۋە يەللەرنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا يەتكىلى بولىدۇ، ھەرىكەت ئادەمنىڭ بەدەن ھالىتىنى تەڭشەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

يەنە ھەرىكەت ئارقىلىقمۇ بۆرەك ئاجىزلىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

 ئۇزاق مۇددەت خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، ئۇزاق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، خىزمەت بېسىمىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى قاتارلىق ئامىللار ئەرلەردە ئاسانلا بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۆرىكى زەئىپلەشكەن بىمارلار سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋاسكېتبول ئويناش، تەيجى گۇمپىسى، يوگا ئويناش، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەرىكەت قىلىپ بەرسە بۆرەكنى ئاسراپ، ئەرلەرنىڭ قېنىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشىغا پايدىلىق.

 ئۇۋۇلاشمۇ بۆرەك زەئىپلىشىشنى پەسەيتىدۇ، پۇتنىڭ ئاستىنقى پەللىسىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق، بۆرەك زەئىپلىشىش ئالامەتلىرىنى ياخشىلاپ، بەل تېلىپ ئاغرىش، روھىي جەھەتتىن ماغدۇرسىزلىنىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۇۋۇلاپ بەرگەندە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

 يېمەكلىك ئارقىلىق بۆرەك زەئىپلىشىشنى داۋالاش ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بۆرەك زەئىپلىشىش بىمارلىرى قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە، بۆرەك ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق، مەسىلەن قارا پۇرچاق، قارا قېرىنقۇلاق، قارا كۈنجۈت، قارا نومى گۈرۈچى قاتارلىقلار.

يەنە مۆتىدىل قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن: چىلان، ياڭاق مېغىزى، قوي گۆشى، ئالقات، پېچەكگۈل قاتارلىقلار.

 بۆرەك زەئىپلىشىش بىر قەدەر ئېغىر بولغان بىمارلار جۇڭيى تېبابىتى ئارقىلىق يېمەكلىك بىلەن داۋالاپ تەڭشەپ، بۆرەك زەئىپلىشىشنى پەسەيتسىمۇ بولىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە تەۋسىيە قىلىنغان بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتا پېچەكگۈل، ئالقات شورپىسى، كۇلى بېھىسى، خەيدەي، قارا توخۇ شورپىسى ۋە دېڭىز قۇلۇلىسى، سىياھبېلىق شورپىسى قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بۆرەك قۇۋۋەتلەش يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭيى تېبابىتىدە تەۋسىيە قىلىنىدىغان بۆرەك قۇۋۋەتلەش يېمەكلىكلىرىدىن كۈنجۈت، قۇرۇتۇلغان قۇلۇلە، يىلانبېلىق، قوي سۆڭىكى، ، كالا يىلىكى، جاڭدۇ، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلار بار.

نۇرغۇن قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىمۇ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە، مەسىلەن، بۇغىنىڭ يۇمران مۈڭگۈزى.

دائىم بۇغا مۈڭگۈزى ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر قان ھاسىل قىلىپ، بۆرەك قۇۋۋىتىنى تولۇقلايدۇ، يەنە ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۆرەك زىيانغا ئۇچراش، بۆرەك زەئىپلىشىش ئالامەتلىرى ئاسان كۆرۈلمەيدۇ.

 جىنسىي تۇرمۇشنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، ئەرلەر جىنسىي ھەۋىسىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىشى ۋە قول بىلەن لەززەتلىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېمەك ـ ئىچمەكنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.


ئالدىنقى بەت:ئەرلەر ئۇزاق مەزگىل جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ كىينكى بەت:ئەر ـ ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشتىكى مەخپىي ئۇسول