مال ھارۋىسى 0

ئەرلەر ئۇزاق مەزگىل جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىسە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟

جىنسىي مۇناسىۋەت ئىككى ئادەمنىڭ قەلبىنى  يېقىنلاشتۇرىدىغان ھېسسىي ئامىل بولۇپ،مەيلى ئەر ـ خوتۇن ياكى ئاشىق ـ مەشۇقلار بولسۇن تۇرمۇشتا  جىنسىي مۇناسىۋەت كەم بولسا ھەرگىز بولمايدۇ،ئەمما خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە خىزمەت بېسىمى  تۈپەيلىدىن ئەر-ئاياللار  ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەيدىغان  ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.ئەگەر ئەر-ئاياللار  ئۇزۇن مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىسا بەدەندە تۆۋەندىكىدەك  ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. قېرىشنى تېزلىتىدۇ

مۇۋاپىق ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش،ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرلەرنىڭ رەڭگى روھىنى  ۋە مىجەزىنى تەڭشەپ، ئەرلەرنى تېخىمۇ ئەرلىك جاسارەتكە ئىگە قىلىدۇ.

يەنە بېسىمنى يېنىكلىتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى ۋە بەدەننى تېخىمۇ  يېنىك،ئازادە قىلغىلى ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

مەيلى ئەرلەرنىڭ  ياكى ئاياللارنىڭ بولسۇن، بەدەننىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، مۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت  ئارقىلىق، مەزى بېزى ۋە قىسىم جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىسا، بەدەن غىدىقلاشقا ئېرىشەلمەيدۇ، ياللۇغ قايتۇرۇپ مىكروب ئۆلتۈرىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقمۇ بارا ـ بارا ئازلاپ، مەزى بېزى قاتارلىق جىنسىي كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا مۇۋاپىق ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت  ئۆتكۈزگەندە، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

2. جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەش

ئەگەر ئەر-ئاياللار  ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغاندا،بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كەيپىياتنى چۈشكۈنلەشتۈرىۋېتىدۇ،ۋە ئاستا ـ ئاستا ئىچكى  ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىمۇ  تەدرىجىي چېكىنىپ، تېرىسى يىرىكلىشىپ بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ،ۋە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى  ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىپ، جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشى يوقاپ، جىنسىي ئاجىزلىق ۋە مەنىي بالدۇر كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

3. ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش

ئەگەر ئەر-ئاياللار ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىسا، بەدەندىكى ھورمۇن تەدرىجىي ئازىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ،ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق  مەسىلىلەر  كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، ئېغىر بولغاندا پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يېتىدۇ.

مۇۋاپىق جىنسىي  مۇناسىۋەت قىلىپ بەرسە ،ئىسپېرما سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي يەنە ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان ۋاقىتتا ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېز سۈرەتتە تېزلىشىپ،جىنسىي كېسەللىكلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ،ھەم شۇنداقلا ئەر ـ ئايال ئىككىلا تەرەپنى گۈزەل جىنسىي ھېسىياتتىن  بەھرىمەن قىلىدۇ ۋە ئەر-ئاياللىق  مېھرى-مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىدۇ.


ئالدىنقى بەت:مەنىي بالدۇر كېتىشنى كونتىرول قىلىشنىڭ بىر نەچچە ئۇسۇلى كىينكى بەت:قايسى ئامىللار بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ؟ بۆرەك ئاجىزلىقىنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟