مال ھارۋىسى 0

ۋىتامىن C تابلىتى

ۋىتامىن Cتولۇقلايدۇ

سىتىش باھاسى
¥ 130.00
  • جەمىئي ئىنكاس

    0
  • جەمئىي

    3
يەتكۈزۈش
ئادرىس تاللاڭ
يەتكۈزگۈش :ھەقسىز
مۇلازىمەت
جىنسىيەت ساغلاملىق تورىسېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت

سانى
+ -
دانە
ئىككىلىك كود
دۇكان مۇلازىمىتى
ئىشەنچلىك
پوچتا ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

كۈرۈپ بولدۇم

  • ۋىتامىن C تابلىتى

    ¥130.00

  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى

    ¥1.00

2019102305501989757


ئاساسلىق تەركىبى: ۋىتامىن C ، ئاپلىسىن تالقىنى، مىكرو كرىستاللىق سېللۇلوزا، كىراخمال، ئاق شېكەر، گلۇكوزا، دىكسىترىن، ماگنىي ستېئارات قاتارلىقلار خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتى بولۇپ ئاساسلىقى ۋىتامىن C نى تولۇقلايدۇ.

ئاساسلىق رولى: ۋىتامىن C  نى تولۇقلايدۇ.

ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر: كىچىك بالىلار، ھامىلدار ئاياللار، بالا ئىمىتىۋاتقانلار.

مىقدارى: 1 قۇتىدا 100 تال تابلىت بار.

ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: كۈندە 1 تالدىن 1 ۋاق. (ئېغىزغا سېلىپ شورايدۇ)

ساقلاش ئۇسۇلى: ئېغىزى ھىم ئىتىلىپ قۇرغاق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ.

ۋىتامىن C نىڭ ئارخىپى

باشقىچە ئاتىلىشى: قان بۇزۇلۇشقا قارشى ۋىتامىن.

ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ھەريىلى تارقىلىشچان زۇكام پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، ۋىتامىن C نى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىدۇر.

قان تومۇرلارنى ئاسراپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

چارچاشنى تۈگىتىپ، بەدەن كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.

جىسمانىي جەھەتتىكى چارچاش ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان ماددا خوراپ تۈگەپ، بۇنىڭ ئورنىغا بەدەندە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا جۇغلىنىپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ۋىتامىن C بۇ چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى تېز سۈرئەتتە پارچىلاپ تاشلايدۇ.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: ۋىتامىن C بارلىق ۋىتامىنلارنىڭ ئارىسىدىكى چارچاشنى ھەممىدىن بەك تۈگىتەلەيدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈ دورا، ئەگەر ئۇ ۋىتامىن B1 بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، چارچاشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى ئازايتىدۇ.

تاماكا چېكىدىغانلار ئەگەر مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C تولۇقلاپ تۇرسا، ھېچ بولمىغاندا ئۆپكە راكى، يۈرەك كېسىلى ۋە تاماكا چىكىشتىن كېلىپ چىقىدىغان باشقا كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، دېمەك ۋىتامىن C  بەدەنگە نىسپەتەن مۇئەييەن قوغداش رولىغا ئىگە.

بۇنىڭدىن  باشقا، ۋىتامىن C نىڭ تاماكا تاشلاشقا نىسبەتەنمۇ ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، نىكوتىنغا بېقىنغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىش ئارزۇسىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تورمۇزلايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تاماكا خۇمارىنى پەيدىنپەي تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

بېسىمنى تۈگىتىپ، روھىي كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.

مېدىتسىنا مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: روھىي بېسىم چوڭ بولغان چاغدا، بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ خىزمىتىنىڭ تېزلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ، بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋىتامىن C نىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ چاغدا ئەگەر ۋىتامىن C قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىسا، بۆرەك ئۈستى بېزى يېتەرلىك مىقداردا بېسىمغا قارشى ھورمۇن ھاسىل قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ-دە، ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ماغدۇرسىز، تىت-تىت بولىدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ۋىتامىن C جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى بىۋاسىتە ياخشىلاپ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىستېمال جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، قايتا ھاسىل بولۇشى ۋە جىگەر گلىكوگېننىڭ بىرىكتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق زەھەرنى قايتۇرۇش، سېرىقلىقنى ياندۇرۇش، جىگەر ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ترانسئامىنازانى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن C نىڭ يەنە باكتېرىيە ئىچكى زەھىرى بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارى بولۇپ، باكتېرىيە ئىچكى زەھىرىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى دائىم ۋىتامىن C ئىستېمال قىلىپ بېرىشى زۆرۈر.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى:

ئەتراپ ئارتېرىيە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن C سۇدا ئېرىيدىغان بىرخىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ، ئەگەر ئۇ ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمىسە، ئۇ ھالدا ئادەم بەدىنىدىكى ئوكسىدلىنىپ زىيانغا ئۇچراشنى تىزگىنلەيدىغان ‹‹بىرىنچى مۇداپىئە سېپى›› مەۋجۇت بولماي قالىدۇ-دە، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار (ئەركىن رادىكاللار) كۆپىيىپ چۆكمە ھاسىل قىلىپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى باشقا رېئاكتىپلارنى كۆپلەپ خورىتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا بەدەندە قېپقالغان ۋىتامىن C نىڭ ئۆزىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

ئەتراپ ئارتېرىيە كېسىلى ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ بىرخىل تىپى بولۇپ، ماي ئارتېرىيە دىۋارىغا چۆكۈپ، ئاساسلىق تۆۋەنكى مۈچىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئاقساپ مېڭىشتىن ئىبارەت، ئادەتتە پەي تارتىشىش ياكى چارچاش، ئاغرىش، تۆۋەنكى مۈچە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

قان بۇزۇلۇش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن C نى تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى:

ئورۇقلاۋاتقانلار- ئورۇقلاۋاتقان مەزگىلدە ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم چىقىرىندىلىرى كۆپىيىدۇ، ۋىتامىن C نى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغاندا ئەركىن رادىكاللارنى تۈگەتكىلى ھەمدە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇقلىغاندىن كېيىن تېرە بىرقەدەر بوشاپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ۋىتامىن C تولۇقلىسا، كوللاگېننىڭ ھاسىل بولۇشىنى كۆپەيتىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار- كۈنىگە 350 مىللىگرام ۋىتامىن C ئىستېمال قىلغاندا، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلىنىدۇ.

ئاسپېرىن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى، زۇكام دورىسى ياكى ستېوئىد تۈرىدىكى دورىلارنى ئىچىۋاتقانلار:  يۇقىرىقى دورىلار ۋىتامىن C نىڭ شۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇڭا بۇ دورىلارنى ئىچىۋاتقانلار ۋىتامىن C نى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىشى لازىم.

تاماكا چېكىدىغانلار.

يېڭىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغان ياكى جاراھىتى بارلار.

ھەردائىم بۇلغانغان مۇھىتتا تۇرىدىغانلار.

چىش مىلىكى ئاسان قانايدىغانلار، ئاسانلا قان قېيىپ قالىدىغانلار.

ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدىغانلار.

زۇكامدىن قىزىپ قالغانلار.

ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر.

ھامىلىدار ئاياللار .

بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار.

تەنھەرىكەت ماھىرلىرى.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى:

ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يېقىمسىزلىنىشى، قان ئۇيۇشقا قارشى دورىلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، يەنە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.

ئۆسۈش مەزگىلىدىكى بالىلار كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ئىستېمال قىلغاندا، كېيىنكى مەزگىللەردە ئاسانلا سۆڭەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.

قان رەڭ ماددىسى ئولتۇرۇشۇپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تېنىدە ئەسلىدىلا زىيادە كۆپ تۆمۈر ساقلانغان بولىدۇ، بۇ چاغدا ۋىتامىن C دىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ككپ تۆمۈر قوبۇل قىلىنسا، قان ئايلىنىشقا بېسىم پەيدا بولۇپ، يۈرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىدە پەقەتلا 4 سائەتلا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى كۈندە ئىككى قېتىم تولۇقلاش لازىم.


زاۋۇت تاۋار ئوراش - قاچىلاش ، مەيدان ، قوشۇمچە زاپچاسلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ھەمدە ھەر بىر مەسلىھەت سورىغۇچىنىڭ سېتىۋېلىش ، سوئال سوراش ۋاقتى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغان . بۇنىڭ ئۈچۈن ، خېرىدار كەلگەن جاۋاب پەقەت سوئال سورىغۇچىغا ئۈچ كۈن ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ ، باشقا تورداشلار پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ ! سىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلارنى توغرا چۈشىنىڭ ,!

  • بارلىق
  • تاۋار سۈرۈشتۈرۈش
  • پۇل تۈلەش مەسلىسى
  • تالون ۋە رېمونت كاپالىتى